الشمس
The Sun • 15 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى(1)،
2قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى(2)،
3قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى(3)،
4قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى(4)،
5ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى(5)،
6زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى(6)،
7نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7ـ8)،
8نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7ـ8)،
9نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ(9).
10نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ(10).
11سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى(11).
12ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى(12).
13ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى(13).
14ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى(14).
15ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ(15).