الفاتحة
The Opening • 7 ayahs • Meccan
1ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن(1).
2جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر(2).
3ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر(3).
4قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر(4).
5(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز(5).
6بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن(6).
7غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)(7).