At-Takwir

التكوير

The Overthrowing29 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ﴿١

1كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا(1)،

وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ﴿٢

2يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،

وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ﴿٣

3تاغلار گۇمران بولغان چاغدا(3)،

وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ﴿٤

4بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا(4)،

وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ﴿٥

5ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا(5)،

وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ﴿٦

6دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا(6)،

وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ﴿٧

7جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا(7)،

وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ﴿٨

8تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،

بِأَيِّ ذَنۢبٖ قُتِلَتۡ﴿٩

9تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا(8ـ9)،

وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ﴿١٠

10نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا(10)،

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ﴿١١

11ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا(11)،

وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ﴿١٢

12دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا(12)،

وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ﴿١٣

13جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا(13)،

عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّآ أَحۡضَرَتۡ﴿١٤

14ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ(14).

فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ﴿١٥

15كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،

ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ﴿١٦

16كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن(15ـ16)،

وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ﴿١٧

17قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن(17)،

وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ﴿١٨

18يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن(18).

إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ﴿١٩

19قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر(19).

ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٖ﴿٢٠

20ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر(20).

مُّطَاعٖ ثَمَّ أَمِينٖ﴿٢١

21پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر(21).

وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٖ﴿٢٢

22سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر(22).

وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ﴿٢٣

23ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى(23).

وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٖ﴿٢٤

24ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر(24).

وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٖ﴿٢٥

25ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر(25).

فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ﴿٢٦

26قەيەرگە بارىسىلەر؟(26)

إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ﴿٢٧

27ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر(27).

لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ﴿٢٨

28سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر(28).

وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ﴿٢٩

29پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) (29).

RELATED SURAHS