Al-Infitar

الانفطار

The Cleaving19 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتۡ﴿١

1ئاسمان يېرىلغان چاغدا(1)،

وَإِذَا ٱلۡكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتۡ﴿٢

2يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،

وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ فُجِّرَتۡ﴿٣

3دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا(3)،

وَإِذَا ٱلۡقُبُورُ بُعۡثِرَتۡ﴿٤

4قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا(4)،

عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ﴿٥

5ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ(5).

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلۡكَرِيمِ﴿٦

6ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟(6)

ٱلَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ﴿٧

7ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى(7).

فِيٓ أَيِّ صُورَةٖ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ﴿٨

8سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى(8).

كَلَّا بَلۡ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ﴿٩

9ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر(9).

وَإِنَّ عَلَيۡكُمۡ لَحَٰفِظِينَ﴿١٠

10ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار(10).

كِرَامٗا كَٰتِبِينَ﴿١١

11ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ(11).

يَعۡلَمُونَ مَا تَفۡعَلُونَ﴿١٢

12ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(12).

إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٖ﴿١٣

13مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ(13)،

وَإِنَّ ٱلۡفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٖ﴿١٤

14كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ(14).

يَصۡلَوۡنَهَا يَوۡمَ ٱلدِّينِ﴿١٥

15ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ(15).

وَمَا هُمۡ عَنۡهَا بِغَآئِبِينَ﴿١٦

16ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ(16).

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ﴿١٧

17قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(17)

ثُمَّ مَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ﴿١٨

18قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(18)

يَوۡمَ لَا تَمۡلِكُ نَفۡسٞ لِّنَفۡسٖ شَيۡـٔٗاۖ وَٱلۡأَمۡرُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ﴿١٩

19ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر(19).

RELATED SURAHS