Al-Mutaffifin

المطففين

The Defrauders36 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ﴿١

1(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!(1)

ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ﴿٢

2ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ(2).

وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ﴿٣

3كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ(3).

أَلَا يَظُنُّ أُوْلَٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبۡعُوثُونَ﴿٤

4ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ(4ـ5).

لِيَوۡمٍ عَظِيمٖ﴿٥

5ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ(4ـ5).

يَوۡمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ﴿٦

6ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ(6)

كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٖ﴿٧

7ئۇلار (تارازىدا، ئۆلچەمدە) كەم بېرىشتىن يانسۇن، يامان ئادەملەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ(7).

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سِجِّينٞ﴿٨

8سىججىن دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟(8)

كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ﴿٩

9ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر(9).

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ﴿١٠

10بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(10)

ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ﴿١١

11ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ(11).

وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ﴿١٢

12ئۇنى پەقەت (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ(12).

إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ﴿١٣

13ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر» دەيدۇ(13).

كَلَّاۖ بَلۡۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ﴿١٤

14ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن(14).

كَلَّآ إِنَّهُمۡ عَن رَّبِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّمَحۡجُوبُونَ﴿١٥

15ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان(15).

ثُمَّ إِنَّهُمۡ لَصَالُواْ ٱلۡجَحِيمِ﴿١٦

16ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر(16).

ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ﴿١٧

17ئاندىن (ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسە (يەنى ئازاب) دۇر» دېيىلىدۇ(17).

كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡأَبۡرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ﴿١٨

18راستلا ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى شەك ـ شۈبھىسىز ئىللىيوندا بولىدۇ(18).

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ﴿١٩

19ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟(19)

كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ﴿٢٠

20(ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر(20).

يَشۡهَدُهُ ٱلۡمُقَرَّبُونَ﴿٢١

21ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ(21).

إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٍ﴿٢٢

22ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ(22).

عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ﴿٢٣

23ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ(23).

تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِهِمۡ نَضۡرَةَ ٱلنَّعِيمِ﴿٢٤

24ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن(24).

يُسۡقَوۡنَ مِن رَّحِيقٖ مَّخۡتُومٍ﴿٢٥

25ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ،(25)

خِتَٰمُهُۥ مِسۡكٞۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلۡيَتَنَافَسِ ٱلۡمُتَنَٰفِسُونَ﴿٢٦

26ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!(26)

وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسۡنِيمٍ﴿٢٧

27ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان(27).

عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا ٱلۡمُقَرَّبُونَ﴿٢٨

28تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ(28).

إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ كَانُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يَضۡحَكُونَ﴿٢٩

29كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى(29).

وَإِذَا مَرُّواْ بِهِمۡ يَتَغَامَزُونَ﴿٣٠

30(مۆمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە،ئۇلار ئۆزئارا كۆزقىسىشاتتى(30).

وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمُ ٱنقَلَبُواْ فَكِهِينَ﴿٣١

31ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەزە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى (31).

وَإِذَا رَأَوۡهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ﴿٣٢

32مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى (32).

وَمَآ أُرۡسِلُواْ عَلَيۡهِمۡ حَٰفِظِينَ﴿٣٣

33ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق(33).

فَٱلۡيَوۡمَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنَ ٱلۡكُفَّارِ يَضۡحَكُونَ﴿٣٤

34بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ(34)،

عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ﴿٣٥

35(كاپىرلار) نىڭ ھالىغا (ئېسىل) تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ(35).

هَلۡ ثُوِّبَ ٱلۡكُفَّارُ مَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ﴿٣٦

36(كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟(36)

RELATED SURAHS