Al-Inshiqaq

الانشقاق

The Splitting Open25 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنشَقَّتۡ﴿١

1ئاسمان يېرىلغان(1)،

وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ﴿٢

2پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا(2)،

وَإِذَا ٱلۡأَرۡضُ مُدَّتۡ﴿٣

3زېمىن سوزۇلغان(3)،

وَأَلۡقَتۡ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتۡ﴿٤

4قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان(4)،

وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ﴿٥

5پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)(5).

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدۡحٗا فَمُلَٰقِيهِ﴿٦

6ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)(6).

فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ﴿٧

7نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ(7ـ8).

فَسَوۡفَ يُحَاسَبُ حِسَابٗا يَسِيرٗا﴿٨

8نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ(7ـ8).

وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورٗا﴿٩

9(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ(9).

وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهۡرِهِۦ﴿١٠

10نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم(10)

فَسَوۡفَ يَدۡعُواْ ثُبُورٗا﴿١١

11«ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)(11)،

وَيَصۡلَىٰ سَعِيرًا﴿١٢

12دوزاخقا كىرىدۇ(12).

إِنَّهُۥ كَانَ فِيٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورًا﴿١٣

13چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى.(13).

إِنَّهُۥ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ﴿١٤

14ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى(14).

بَلَىٰٓۚ إِنَّ رَبَّهُۥ كَانَ بِهِۦ بَصِيرٗا﴿١٥

15ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(15).

فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلشَّفَقِ﴿١٦

16شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى(16ـ18)،

وَٱلَّيۡلِ وَمَا وَسَقَ﴿١٧

17شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى(16ـ18)،

وَٱلۡقَمَرِ إِذَا ٱتَّسَقَ﴿١٨

18شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى(16ـ18)،

لَتَرۡكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٖ﴿١٩

19سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر(19).

فَمَا لَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ﴿٢٠

20ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟(20)

وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩﴿٢١

21ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟(21)

بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ﴿٢٢

22بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ(22).

وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُوعُونَ﴿٢٣

23ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ(23).

فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ﴿٢٤

24ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن(24).

إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونِۭ﴿٢٥

25پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ(25).

RELATED SURAHS