Ar-Rahman

الرحمن

The Most Merciful78 ayahsMedinan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

ٱلرَّحۡمَٰنُ﴿١

1مېھرىبان ئاللاھ(1)

عَلَّمَ ٱلۡقُرۡءَانَ﴿٢

2قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)(2)،

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ﴿٣

3ئىنساننى ياراتتى(3).

عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ﴿٤

4ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى(4).

ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ بِحُسۡبَانٖ﴿٥

5كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ(5).

وَٱلنَّجۡمُ وَٱلشَّجَرُ يَسۡجُدَانِ﴿٦

6ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ)(6).

وَٱلسَّمَآءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ ٱلۡمِيزَانَ﴿٧

7ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى(7ـ8)،

أَلَّا تَطۡغَوۡاْ فِي ٱلۡمِيزَانِ﴿٨

8ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى(7ـ8)،

وَأَقِيمُواْ ٱلۡوَزۡنَ بِٱلۡقِسۡطِ وَلَا تُخۡسِرُواْ ٱلۡمِيزَانَ﴿٩

9ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار(9).

وَٱلۡأَرۡضَ وَضَعَهَا لِلۡأَنَامِ﴿١٠

10زېمىننى كىشىلەرنىڭ (پايدىلىنىشى) ئۈچۈن (يايپاڭ) قىلدى(10).

فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَٱلنَّخۡلُ ذَاتُ ٱلۡأَكۡمَامِ﴿١١

11زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار(11).

وَٱلۡحَبُّ ذُو ٱلۡعَصۡفِ وَٱلرَّيۡحَانُ﴿١٢

12سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر، خۇش بۇي ئۆسۈملۈكلەر بار(12).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿١٣

13(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(13)

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ كَٱلۡفَخَّارِ﴿١٤

14(ئاللاھ) ئىنساننى (يەنى ئاتاڭلار ئادەمنى) (چەكسە جاراڭلايدىغان) ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى(14).

وَخَلَقَ ٱلۡجَآنَّ مِن مَّارِجٖ مِّن نَّارٖ﴿١٥

15جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى(15).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿١٦

16(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(16)

رَبُّ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ وَرَبُّ ٱلۡمَغۡرِبَيۡنِ﴿١٧

17ئۇ ئىككى مەشرىق (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ چىقىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئىككى مەغرىب (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ پاتىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر(17).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿١٨

18(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(18)

مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ يَلۡتَقِيَانِ﴿١٩

19ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ(19).

بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٞ لَّا يَبۡغِيَانِ﴿٢٠

20ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ(20).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٢١

21(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(21)

يَخۡرُجُ مِنۡهُمَا ٱللُّؤۡلُؤُ وَٱلۡمَرۡجَانُ﴿٢٢

22ئۇلاردىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ(22).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٢٣

23(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(23)

وَلَهُ ٱلۡجَوَارِ ٱلۡمُنشَـَٔاتُ فِي ٱلۡبَحۡرِ كَٱلۡأَعۡلَٰمِ﴿٢٤

24دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر(24).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٢٥

25(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(25)

كُلُّ مَنۡ عَلَيۡهَا فَانٖ﴿٢٦

26زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ(26).

وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ﴿٢٧

27ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ(27).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٢٨

28(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(28)

يَسۡـَٔلُهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ كُلَّ يَوۡمٍ هُوَ فِي شَأۡنٖ﴿٢٩

29ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ)(29).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٣٠

30(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(30)

سَنَفۡرُغُ لَكُمۡ أَيُّهَ ٱلثَّقَلَانِ﴿٣١

31ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز(31).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٣٢

32(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(32)

يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ إِنِ ٱسۡتَطَعۡتُمۡ أَن تَنفُذُواْ مِنۡ أَقۡطَارِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ فَٱنفُذُواْۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلۡطَٰنٖ﴿٣٣

33ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر (33).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٣٤

34(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(34)

يُرۡسَلُ عَلَيۡكُمَا شُوَاظٞ مِّن نَّارٖ وَنُحَاسٞ فَلَا تَنتَصِرَانِ﴿٣٥

35(قىيامەت كۈنى) سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر(35).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٣٦

36(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(36)

فَإِذَا ٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ وَرۡدَةٗ كَٱلدِّهَانِ﴿٣٧

37(قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا، ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ(37).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٣٨

38(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(38)

فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُسۡـَٔلُ عَن ذَنۢبِهِۦٓ إِنسٞ وَلَا جَآنّٞ﴿٣٩

39بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ (يەنى گۇناھلىرىنىڭ ئالاھىدە ئالامىتى بولغانلىقتىن مۇنداق سوراشقا ھاجەت بولمايدۇ(39).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٤٠

40(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(40)

يُعۡرَفُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ بِسِيمَٰهُمۡ فَيُؤۡخَذُ بِٱلنَّوَٰصِي وَٱلۡأَقۡدَامِ﴿٤١

41گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ (يۈزلىرى قارا، كۆزلىرى كۆك بولۇشتىن ئىبارەت) بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلۇپ (دوزاخقا تاشلىنىدۇ)(41).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٤٢

42(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(42)

هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ﴿٤٣

43بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەمدۇر(43).

يَطُوفُونَ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَ حَمِيمٍ ءَانٖ﴿٤٤

44ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ (يەنى گاھىدا ئوت بىلەن، گاھىدا قايناقسۇ بىلەن ئازابلىنىدۇ(44).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٤٥

45(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(45)

وَلِمَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ﴿٤٦

46پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار(46).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٤٧

47(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(47)

ذَوَاتَآ أَفۡنَانٖ﴿٤٨

48ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار(48).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٤٩

49(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(49)

فِيهِمَا عَيۡنَانِ تَجۡرِيَانِ﴿٥٠

50ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار(50).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٥١

51(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(51)

فِيهِمَا مِن كُلِّ فَٰكِهَةٖ زَوۡجَانِ﴿٥٢

52ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار(52).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٥٣

53(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(53)

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ فُرُشِۭ بَطَآئِنُهَا مِنۡ إِسۡتَبۡرَقٖۚ وَجَنَى ٱلۡجَنَّتَيۡنِ دَانٖ﴿٥٤

54ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر(54).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٥٥

55(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(55)

فِيهِنَّ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ﴿٥٦

56ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار(56).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٥٧

57(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(57)

كَأَنَّهُنَّ ٱلۡيَاقُوتُ وَٱلۡمَرۡجَانُ﴿٥٨

58گويا ئۇلار (سۈزۈكلۈكتە) ياقۇتتۇر، (ئاقلىقتا) مەرۋايىتتۇر(58).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٥٩

59(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(59)

هَلۡ جَزَآءُ ٱلۡإِحۡسَٰنِ إِلَّا ٱلۡإِحۡسَٰنُ﴿٦٠

60ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ(60).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٦١

61(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(61)

وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ﴿٦٢

62ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار(62).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٦٣

63(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(63)

مُدۡهَآمَّتَانِ﴿٦٤

64ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر(64).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٦٥

65(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(65)

فِيهِمَا عَيۡنَانِ نَضَّاخَتَانِ﴿٦٦

66ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار(66).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٦٧

67(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(67)

فِيهِمَا فَٰكِهَةٞ وَنَخۡلٞ وَرُمَّانٞ﴿٦٨

68ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار(68).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٦٩

69(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(69)

فِيهِنَّ خَيۡرَٰتٌ حِسَانٞ﴿٧٠

70ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار(70).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٧١

71(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(71)

حُورٞ مَّقۡصُورَٰتٞ فِي ٱلۡخِيَامِ﴿٧٢

72ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر(72).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٧٣

73(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(73)

لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ﴿٧٤

74ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچ ئىنسان يېقىنچىلىق قىلمىغان(74).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٧٥

75(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(75)

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ رَفۡرَفٍ خُضۡرٖ وَعَبۡقَرِيٍّ حِسَانٖ﴿٧٦

76ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئىستىراھەت قىلىدۇ(76).

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ﴿٧٧

77(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟(77)

تَبَٰرَكَ ٱسۡمُ رَبِّكَ ذِي ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ﴿٧٨

78ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى مۇبارەكتۇر(78).

RELATED SURAHS