القمر
The Moon • 55 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى(1).
2(قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ(2).
3ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر(3).
4ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى(4).
5مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ(5).
6ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)(6).
7ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ(7).
8ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ(8).
9ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى(9).
10ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى(10).
11ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق(11).
12زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى(12).
13نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق(13).
14كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)(14).
15ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(15)
16مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!(16)
17ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(17)
18ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!(18)
19شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، (19)
20بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى(ـ20).
21مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!(21)
22بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(22)
23سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى(23).
24ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز(24).
25ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»(25).
26ئۇلار ئەتە (يەنى ئاخىرەتتە) كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ(26).
27بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن(27).
28سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن(28).
29ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى(29).
30مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟(30)
31شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق(31).
32بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(32)
33لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى(33).
34بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(34ـ35).
35بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(34ـ35).
36شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى(36).
37ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)(37).
38ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى(38).
39(ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)(39).
40بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(40).
41شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى(41).
42ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق(42).
43(ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟(43)
44ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟(44)
45(مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ(45).
46ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر(46).
47گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر(47).
48ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)(48).
49بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق(49).
50(بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)(50).
51بىز ھەقىقەتەن (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن كۇفرىدا) سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟(51)
52ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر(52).
53كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەندۇر(53).
54شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ(54).
55(ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ(55).