'Abasa

عبس

He Frowned42 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ﴿١

1يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى(1ـ2).

أَن جَآءَهُ ٱلۡأَعۡمَىٰ﴿٢

2يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى(1ـ2).

وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ﴿٣

3(ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن(3).

أَوۡ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكۡرَىٰٓ﴿٤

4ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن(4).

أَمَّا مَنِ ٱسۡتَغۡنَىٰ﴿٥

5ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)(5ـ6).

فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ﴿٦

6ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)(5ـ6).

وَمَا عَلَيۡكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ﴿٧

7ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى(7).

وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسۡعَىٰ﴿٨

8سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك(8ـ9)،

وَهُوَ يَخۡشَىٰ﴿٩

9سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك(8ـ9)،

فَأَنتَ عَنۡهُ تَلَهَّىٰ﴿١٠

10سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن(10).

كَلَّآ إِنَّهَا تَذۡكِرَةٞ﴿١١

11(بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر(11).

فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ﴿١٢

12خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ(12).

فِي صُحُفٖ مُّكَرَّمَةٖ﴿١٣

13ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر(13ـ14).

مَّرۡفُوعَةٖ مُّطَهَّرَةِۭ﴿١٤

14ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر(13ـ14).

بِأَيۡدِي سَفَرَةٖ﴿١٥

15(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر(15ـ16).

كِرَامِۭ بَرَرَةٖ﴿١٦

16(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر(15ـ16).

قُتِلَ ٱلۡإِنسَٰنُ مَآ أَكۡفَرَهُۥ﴿١٧

17ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!(17)

مِنۡ أَيِّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥ﴿١٨

18ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟(18)

مِن نُّطۡفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ﴿١٩

19ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى(19).

ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ﴿٢٠

20ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى(20).

ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقۡبَرَهُۥ﴿٢١

21ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى(21).

ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ﴿٢٢

22ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ(22).

كَلَّا لَمَّا يَقۡضِ مَآ أَمَرَهُۥ﴿٢٣

23ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى(23).

فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ﴿٢٤

24ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن(24).

أَنَّا صَبَبۡنَا ٱلۡمَآءَ صَبّٗا﴿٢٥

25(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق(25).

ثُمَّ شَقَقۡنَا ٱلۡأَرۡضَ شَقّٗا﴿٢٦

26ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق(26).

فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا حَبّٗا﴿٢٧

27سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).

وَعِنَبٗا وَقَضۡبٗا﴿٢٨

28سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).

وَزَيۡتُونٗا وَنَخۡلٗا﴿٢٩

29سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).

وَحَدَآئِقَ غُلۡبٗا﴿٣٠

30سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).

وَفَٰكِهَةٗ وَأَبّٗا﴿٣١

31سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).

مَّتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ﴿٣٢

32سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق(27ـ32).

فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ﴿٣٣

33(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)(33).

يَوۡمَ يَفِرُّ ٱلۡمَرۡءُ مِنۡ أَخِيهِ﴿٣٤

34ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ(34ـ36).

وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ﴿٣٥

35ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ(34ـ36).

وَصَٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ﴿٣٦

36ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ(34ـ36).

لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ يَوۡمَئِذٖ شَأۡنٞ يُغۡنِيهِ﴿٣٧

37ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ(37).

وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ مُّسۡفِرَةٞ﴿٣٨

38ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ(38ـ39).

ضَاحِكَةٞ مُّسۡتَبۡشِرَةٞ﴿٣٩

39ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ(38ـ39).

وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ عَلَيۡهَا غَبَرَةٞ﴿٤٠

40يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ(40ـ41)،

تَرۡهَقُهَا قَتَرَةٌ﴿٤١

41يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ(40ـ41)،

أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَفَرَةُ ٱلۡفَجَرَةُ﴿٤٢

42بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر(42).

RELATED SURAHS