An-Nazi'at

النازعات

Those Who Drag Forth46 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَٱلنَّٰزِعَٰتِ غَرۡقٗا﴿١

1(كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(1)،

وَٱلنَّٰشِطَٰتِ نَشۡطٗا﴿٢

2(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(2)،

وَٱلسَّٰبِحَٰتِ سَبۡحٗا﴿٣

3(ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(3)،

فَٱلسَّٰبِقَٰتِ سَبۡقٗا﴿٤

4(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(4)،

فَٱلۡمُدَبِّرَٰتِ أَمۡرٗا﴿٥

5(ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)(5).

يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ﴿٦

6بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ(6).

تَتۡبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ﴿٧

7ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ(7).

قُلُوبٞ يَوۡمَئِذٖ وَاجِفَةٌ﴿٨

8بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ(8).

أَبۡصَٰرُهَا خَٰشِعَةٞ﴿٩

9شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ(9).

يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرۡدُودُونَ فِي ٱلۡحَافِرَةِ﴿١٠

10ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)(10)

أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا نَّخِرَةٗ﴿١١

11ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»(11)

قَالُواْ تِلۡكَ إِذٗا كَرَّةٌ خَاسِرَةٞ﴿١٢

12ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»(12).

فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ﴿١٣

13بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ(13ـ14).

فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ﴿١٤

14بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ(13ـ14).

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ﴿١٥

15ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟(15)

إِذۡ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوًى﴿١٦

16ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:(16)

ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ﴿١٧

17«سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى(17).

فَقُلۡ هَل لَّكَ إِلَىٰٓ أَن تَزَكَّىٰ﴿١٨

18ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن(18).

وَأَهۡدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخۡشَىٰ﴿١٩

19سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»(19).

فَأَرَىٰهُ ٱلۡأٓيَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰ﴿٢٠

20مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى(20).

فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ﴿٢١

21پىرئەۋن (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى(21).

ثُمَّ أَدۡبَرَ يَسۡعَىٰ﴿٢٢

22ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى(22).

فَحَشَرَ فَنَادَىٰ﴿٢٣

23(ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ(23)

فَقَالَ أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلۡأَعۡلَىٰ﴿٢٤

24دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»(24).

فَأَخَذَهُ ٱللَّهُ نَكَالَ ٱلۡأٓخِرَةِ وَٱلۡأُولَىٰٓ﴿٢٥

25ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى(25).

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّمَن يَخۡشَىٰٓ﴿٢٦

26شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ(26).

ءَأَنتُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَمِ ٱلسَّمَآءُۚ بَنَىٰهَا﴿٢٧

27سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى(27).

رَفَعَ سَمۡكَهَا فَسَوَّىٰهَا﴿٢٨

28ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى(28).

وَأَغۡطَشَ لَيۡلَهَا وَأَخۡرَجَ ضُحَىٰهَا﴿٢٩

29ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى(29).

وَٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ دَحَىٰهَآ﴿٣٠

30شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى(30).

أَخۡرَجَ مِنۡهَا مَآءَهَا وَمَرۡعَىٰهَا﴿٣١

31زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى(31).

وَٱلۡجِبَالَ أَرۡسَىٰهَا﴿٣٢

32تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى(32).

مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ﴿٣٣

33ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)(33).

فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلۡكُبۡرَىٰ﴿٣٤

34قىيامەت كەلگەندە(34)،

يَوۡمَ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ مَا سَعَىٰ﴿٣٥

35(شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى ـ يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ(35).

وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ﴿٣٦

36قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ(36).

فَأَمَّا مَن طَغَىٰ﴿٣٧

37كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن(37)،

وَءَاثَرَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا﴿٣٨

38دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن(38)،

فَإِنَّ ٱلۡجَحِيمَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ﴿٣٩

39ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ(39).

وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ﴿٤٠

40پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك(40)،

فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ﴿٤١

41ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ(41).

يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَا﴿٤٢

42ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ(42).

فِيمَ أَنتَ مِن ذِكۡرَىٰهَآ﴿٤٣

43سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟(43)

إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَىٰهَآ﴿٤٤

44ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر(44).

إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخۡشَىٰهَا﴿٤٥

45سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر(45).

كَأَنَّهُمۡ يَوۡمَ يَرَوۡنَهَا لَمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا عَشِيَّةً أَوۡ ضُحَىٰهَا﴿٤٦

46ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)(46).

RELATED SURAHS