الليل
The Night • 21 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى(1)،
2يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى(2)،
3ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى(3)،
4سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر(4).
5(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك(5ـ6)،
6(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك(5ـ6)،
7ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز(7).
8بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك(8ـ9)،
9بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك(8ـ9)،
10بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز(10).
11ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ(11).
12توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز(12).
13دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر(13).
14سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم(14).
15ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ(15ـ16).
16ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ(15ـ16).
17پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ(17ـ18).
18پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ(17ـ18).
19ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر(19ـ20).
20ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر(19ـ20).
21ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ(21).