الضحى
The Morning Hours • 11 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى(1)،
2قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى(2)،
3(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق(3).
4ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر(4)،
5پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن(5).
6ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟(6)
7قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟(7)
8سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟(8)
9يېتىمنى خارلىما(9).
10سائىلغا قوپاللىق قىلما(10).
11پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)(11).