الشرح
The Relief • 8 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟(1)
2سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق(2ـ3).
3سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق(2ـ3).
4سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق(4).
5ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار(5).
6ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار(6).
7(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن(7).
8پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن(8).