Al-A'la

الأعلى

The Most High19 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

سَبِّحِ ٱسۡمَ رَبِّكَ ٱلۡأَعۡلَى﴿١

1ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن(1).

ٱلَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ﴿٢

2ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى(2).

وَٱلَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ﴿٣

3مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى(3).

وَٱلَّذِيٓ أَخۡرَجَ ٱلۡمَرۡعَىٰ﴿٤

4ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى(4).

فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحۡوَىٰ﴿٥

5ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى(5).

سَنُقۡرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ﴿٦

6(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ(6ـ7).

إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ وَمَا يَخۡفَىٰ﴿٧

7(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ(6ـ7).

وَنُيَسِّرُكَ لِلۡيُسۡرَىٰ﴿٨

8سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز(8).

فَذَكِّرۡ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكۡرَىٰ﴿٩

9ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن(9).

سَيَذَّكَّرُ مَن يَخۡشَىٰ﴿١٠

10ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ(10).

وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلۡأَشۡقَى﴿١١

11ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ(11).

ٱلَّذِي يَصۡلَى ٱلنَّارَ ٱلۡكُبۡرَىٰ﴿١٢

12ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ(12).

ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحۡيَىٰ﴿١٣

13ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ(13).

قَدۡ أَفۡلَحَ مَن تَزَكَّىٰ﴿١٤

14(كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى(14).

وَذَكَرَ ٱسۡمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ﴿١٥

15ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى(15).

بَلۡ تُؤۡثِرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا﴿١٦

16سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر(16).

وَٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓ﴿١٧

17ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر(17).

إِنَّ هَٰذَا لَفِي ٱلصُّحُفِ ٱلۡأُولَىٰ﴿١٨

18بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر(18ـ19).

صُحُفِ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ﴿١٩

19بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر(18ـ19).

RELATED SURAHS