الغاشية
The Overwhelming • 26 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى(1).
2بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر(2).
3ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر(3).
4ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ(4).
5(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ(5).
6ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ(6).
7زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ(7).
8بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر(8).
9بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر(9).
10ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر(10).
11ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ(11).
12ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ(12).
13ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
14ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
15ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
16ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار(13ـ16).
17ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى(17)،
18ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى(18)،
19تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى(19)،
20زېمىن قانداق يېيىتىلدى(20).
21سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن(21).
22سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن(22).
23لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن(23)،
24ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ(24).
25ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ(25).
26ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز(26).