Al-Fajr

الفجر

The Dawn30 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَٱلۡفَجۡرِ﴿١

1سۈبھى بىلەن، (1)

وَلَيَالٍ عَشۡرٖ﴿٢

2(2)(زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن،

وَٱلشَّفۡعِ وَٱلۡوَتۡرِ﴿٣

3قۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن، (3)

وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَسۡرِ﴿٤

4(كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز) (4)

هَلۡ فِي ذَٰلِكَ قَسَمٞ لِّذِي حِجۡرٍ﴿٥

5ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك)قەسەم بارمۇ؟. (5)

أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ﴿٦

6پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(6ـ7).

إِرَمَ ذَاتِ ٱلۡعِمَادِ﴿٧

7پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(6ـ7).

ٱلَّتِي لَمۡ يُخۡلَقۡ مِثۡلُهَا فِي ٱلۡبِلَٰدِ﴿٨

8بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى(8).

وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُواْ ٱلصَّخۡرَ بِٱلۡوَادِ﴿٩

9شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى(9).

وَفِرۡعَوۡنَ ذِي ٱلۡأَوۡتَادِ﴿١٠

10شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى(10).

ٱلَّذِينَ طَغَوۡاْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ﴿١١

11ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى(11).

فَأَكۡثَرُواْ فِيهَا ٱلۡفَسَادَ﴿١٢

12ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى(12).

فَصَبَّ عَلَيۡهِمۡ رَبُّكَ سَوۡطَ عَذَابٍ﴿١٣

13پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى(13).

إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلۡمِرۡصَادِ﴿١٤

14پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر(14).

فَأَمَّا ٱلۡإِنسَٰنُ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكۡرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَكۡرَمَنِ﴿١٥

15پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ(15).

وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيۡهِ رِزۡقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَهَٰنَنِ﴿١٦

16پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ(16).

كَلَّاۖ بَل لَّا تُكۡرِمُونَ ٱلۡيَتِيمَ﴿١٧

17ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر(17).

وَلَا تَحَٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ﴿١٨

18بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر(18).

وَتَأۡكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكۡلٗا لَّمّٗا﴿١٩

19مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر(19).

وَتُحِبُّونَ ٱلۡمَالَ حُبّٗا جَمّٗا﴿٢٠

20مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر(20).

كَلَّآۖ إِذَا دُكَّتِ ٱلۡأَرۡضُ دَكّٗا دَكّٗا﴿٢١

21(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا(21).

وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلۡمَلَكُ صَفّٗا صَفّٗا﴿٢٢

22پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا(22).

وَجِاْيٓءَ يَوۡمَئِذِۭ بِجَهَنَّمَۚ يَوۡمَئِذٖ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكۡرَىٰ﴿٢٣

23(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن(23).

يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي قَدَّمۡتُ لِحَيَاتِي﴿٢٤

24ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»(24)

فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٞ﴿٢٥

25شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ(25).

وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٞ﴿٢٦

26ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ(26).

يَٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفۡسُ ٱلۡمُطۡمَئِنَّةُ﴿٢٧

27ئى ئارام تاپقۇچى جان!(27)

ٱرۡجِعِيٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةٗ مَّرۡضِيَّةٗ﴿٢٨

28سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن(28).

فَٱدۡخُلِي فِي عِبَٰدِي﴿٢٩

29سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن(29).

وَٱدۡخُلِي جَنَّتِي﴿٣٠

30مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن(30).

RELATED SURAHS