الطارق
The Night Comer • 17 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن(1).
2تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟(2)
3ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر(3).
4ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار(4).
5ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن(5).
6ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى(6).
7ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ(7).
8شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر(8).
9سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)(9)،
10ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر(10).
11يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى(11)،
12يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى(12)،
13قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر(13)،
14ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر(14).
15ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ(15).
16مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن(16).
17(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)(17).