As-Saffat

الصافات

Those Ranged in Ranks182 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَٱلصَّٰٓفَّٰتِ صَفّٗا﴿١

1سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى(1 ـ 3).

فَٱلزَّٰجِرَٰتِ زَجۡرٗا﴿٢

2سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى(1 ـ 3).

فَٱلتَّٰلِيَٰتِ ذِكۡرًا﴿٣

3سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى(1 ـ 3).

إِنَّ إِلَٰهَكُمۡ لَوَٰحِدٞ﴿٤

4سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر(4).

رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَرَبُّ ٱلۡمَشَٰرِقِ﴿٥

5(ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر(5).

إِنَّا زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِزِينَةٍ ٱلۡكَوَاكِبِ﴿٦

6بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق(6).

وَحِفۡظٗا مِّن كُلِّ شَيۡطَٰنٖ مَّارِدٖ﴿٧

7ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق(7).

لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ ٱلۡأَعۡلَىٰ وَيُقۡذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٖ﴿٨

8ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، (8)

دُحُورٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ وَاصِبٌ﴿٩

9ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ(9).

إِلَّا مَنۡ خَطِفَ ٱلۡخَطۡفَةَ فَأَتۡبَعَهُۥ شِهَابٞ ثَاقِبٞ﴿١٠

10لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)(10).

فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَهُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَم مَّنۡ خَلَقۡنَآۚ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّن طِينٖ لَّازِبِۭ﴿١١

11ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق(11).

بَلۡ عَجِبۡتَ وَيَسۡخَرُونَ﴿١٢

12(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ(12).

وَإِذَا ذُكِّرُواْ لَا يَذۡكُرُونَ﴿١٣

13ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ(13).

وَإِذَا رَأَوۡاْ ءَايَةٗ يَسۡتَسۡخِرُونَ﴿١٤

14ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ(14).

وَقَالُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٌ﴿١٥

15ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ(15ـ17).

أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ﴿١٦

16ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ(15ـ17).

أَوَءَابَآؤُنَا ٱلۡأَوَّلُونَ﴿١٧

17ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ(15ـ17).

قُلۡ نَعَمۡ وَأَنتُمۡ دَٰخِرُونَ﴿١٨

18ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»(18).

فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ فَإِذَا هُمۡ يَنظُرُونَ﴿١٩

19بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ(19).

وَقَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا هَٰذَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ﴿٢٠

20ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ(20).

هَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ﴿٢١

21بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر(21).

۞ ٱحۡشُرُواْ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَأَزۡوَٰجَهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَعۡبُدُونَ﴿٢٢

22(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار(22ـ23).

مِن دُونِ ٱللَّهِ فَٱهۡدُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡجَحِيمِ﴿٢٣

23(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار(22ـ23).

وَقِفُوهُمۡۖ إِنَّهُم مَّسۡـُٔولُونَ﴿٢٤

24ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ(24).

مَا لَكُمۡ لَا تَنَاصَرُونَ﴿٢٥

25(ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)(25).

بَلۡ هُمُ ٱلۡيَوۡمَ مُسۡتَسۡلِمُونَ﴿٢٦

26بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر(26).

وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ﴿٢٧

27ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ(27).

قَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَأۡتُونَنَا عَنِ ٱلۡيَمِينِ﴿٢٨

28ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توساتتىڭلار» دەيدۇ(28).

قَالُواْ بَل لَّمۡ تَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ﴿٢٩

29(ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار(29).

وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنِۭۖ بَلۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا طَٰغِينَ﴿٣٠

30بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار(30).

فَحَقَّ عَلَيۡنَا قَوۡلُ رَبِّنَآۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ﴿٣١

31پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز(31).

فَأَغۡوَيۡنَٰكُمۡ إِنَّا كُنَّا غَٰوِينَ﴿٣٢

32سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»(32).

فَإِنَّهُمۡ يَوۡمَئِذٖ فِي ٱلۡعَذَابِ مُشۡتَرِكُونَ﴿٣٣

33ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر(33).

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفۡعَلُ بِٱلۡمُجۡرِمِينَ﴿٣٤

34بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)(34).

إِنَّهُمۡ كَانُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ يَسۡتَكۡبِرُونَ﴿٣٥

35ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى(35).

وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوٓاْ ءَالِهَتِنَا لِشَاعِرٖ مَّجۡنُونِۭ﴿٣٦

36ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى(36).

بَلۡ جَآءَ بِٱلۡحَقِّ وَصَدَّقَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ﴿٣٧

37ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى(37).

إِنَّكُمۡ لَذَآئِقُواْ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَلِيمِ﴿٣٨

38(ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر(38).

وَمَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ﴿٣٩

39سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر(39).

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ﴿٤٠

40پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ(40).

أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ رِزۡقٞ مَّعۡلُومٞ﴿٤١

41ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ(41ـ42).

فَوَٰكِهُ وَهُم مُّكۡرَمُونَ﴿٤٢

42ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ(41ـ42).

فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ﴿٤٣

43ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ(43ـ44).

عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ﴿٤٤

44ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ(43ـ44).

يُطَافُ عَلَيۡهِم بِكَأۡسٖ مِّن مَّعِينِۭ﴿٤٥

45ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ(45ـ46).

بَيۡضَآءَ لَذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ﴿٤٦

46ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ(45ـ46).

لَا فِيهَا غَوۡلٞ وَلَا هُمۡ عَنۡهَا يُنزَفُونَ﴿٤٧

47ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ(47).

وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ عِينٞ﴿٤٨

48ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ(48).

كَأَنَّهُنَّ بَيۡضٞ مَّكۡنُونٞ﴿٤٩

49ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ(49).

فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ﴿٥٠

50ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ(50).

قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٞ﴿٥١

51ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن(51ـ52).

يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُصَدِّقِينَ﴿٥٢

52ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن(51ـ52).

أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَدِينُونَ﴿٥٣

53بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟" دەيتتى»(53).

قَالَ هَلۡ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ﴿٥٤

54ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ(54).

فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِي سَوَآءِ ٱلۡجَحِيمِ﴿٥٥

55ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ(55).

قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرۡدِينِ﴿٥٦

56ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن(56).

وَلَوۡلَا نِعۡمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ ٱلۡمُحۡضَرِينَ﴿٥٧

57ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتەمەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم(57).

أَفَمَا نَحۡنُ بِمَيِّتِينَ﴿٥٨

58بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ (58ـ59).

إِلَّا مَوۡتَتَنَا ٱلۡأُولَىٰ وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ﴿٥٩

59بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ (58ـ59).

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ﴿٦٠

60بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر(60).

لِمِثۡلِ هَٰذَا فَلۡيَعۡمَلِ ٱلۡعَٰمِلُونَ﴿٦١

61ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن»(61).

أَذَٰلِكَ خَيۡرٞ نُّزُلًا أَمۡ شَجَرَةُ ٱلزَّقُّومِ﴿٦٢

62بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟(62)

إِنَّا جَعَلۡنَٰهَا فِتۡنَةٗ لِّلظَّٰلِمِينَ﴿٦٣

63زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق(63).

إِنَّهَا شَجَرَةٞ تَخۡرُجُ فِيٓ أَصۡلِ ٱلۡجَحِيمِ﴿٦٤

64شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر(64).

طَلۡعُهَا كَأَنَّهُۥ رُءُوسُ ٱلشَّيَٰطِينِ﴿٦٥

65ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ(65).

فَإِنَّهُمۡ لَأٓكِلُونَ مِنۡهَا فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ﴿٦٦

66ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ(66).

ثُمَّ إِنَّ لَهُمۡ عَلَيۡهَا لَشَوۡبٗا مِّنۡ حَمِيمٖ﴿٦٧

67ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ(67).

ثُمَّ إِنَّ مَرۡجِعَهُمۡ لَإِلَى ٱلۡجَحِيمِ﴿٦٨

68ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ(68).

إِنَّهُمۡ أَلۡفَوۡاْ ءَابَآءَهُمۡ ضَآلِّينَ﴿٦٩

69ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى(69).

فَهُمۡ عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِمۡ يُهۡرَعُونَ﴿٧٠

70ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى(70).

وَلَقَدۡ ضَلَّ قَبۡلَهُمۡ أَكۡثَرُ ٱلۡأَوَّلِينَ﴿٧١

71ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى(71).

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ﴿٧٢

72بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق(72).

فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُنذَرِينَ﴿٧٣

73ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن(73).

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ﴿٧٤

74لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)(74).

وَلَقَدۡ نَادَىٰنَا نُوحٞ فَلَنِعۡمَ ٱلۡمُجِيبُونَ﴿٧٥

75نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!(75).

وَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ﴿٧٦

76بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق(76).

وَجَعَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُۥ هُمُ ٱلۡبَاقِينَ﴿٧٧

77ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق(77).

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ﴿٧٨

78كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق(78).

سَلَٰمٌ عَلَىٰ نُوحٖ فِي ٱلۡعَٰلَمِينَ﴿٧٩

79خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ(79).

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ﴿٨٠

80بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(80).

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ﴿٨١

81ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى(81).

ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ﴿٨٢

82ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق(82).

۞ وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِۦ لَإِبۡرَٰهِيمَ﴿٨٣

83ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى(83).

إِذۡ جَآءَ رَبَّهُۥ بِقَلۡبٖ سَلِيمٍ﴿٨٤

84ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى(84).

إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَاذَا تَعۡبُدُونَ﴿٨٥

85ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟(85)

أَئِفۡكًا ءَالِهَةٗ دُونَ ٱللَّهِ تُرِيدُونَ﴿٨٦

86سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟(86)

فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ﴿٨٧

87ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»(87)

فَنَظَرَ نَظۡرَةٗ فِي ٱلنُّجُومِ﴿٨٨

88ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، (88 ـ )

فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٞ﴿٨٩

89ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى( 89).

فَتَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ مُدۡبِرِينَ﴿٩٠

90ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)(90).

فَرَاغَ إِلَىٰٓ ءَالِهَتِهِمۡ فَقَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ﴿٩١

91ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى(91ـ92).

مَا لَكُمۡ لَا تَنطِقُونَ﴿٩٢

92ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى(91ـ92).

فَرَاغَ عَلَيۡهِمۡ ضَرۡبَۢا بِٱلۡيَمِينِ﴿٩٣

93ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى(93).

فَأَقۡبَلُوٓاْ إِلَيۡهِ يَزِفُّونَ﴿٩٤

94ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى(94).

قَالَ أَتَعۡبُدُونَ مَا تَنۡحِتُونَ﴿٩٥

95ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟(95).

وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ وَمَا تَعۡمَلُونَ﴿٩٦

96ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»(96).

قَالُواْ ٱبۡنُواْ لَهُۥ بُنۡيَٰنٗا فَأَلۡقُوهُ فِي ٱلۡجَحِيمِ﴿٩٧

97ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى(97).

فَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَسۡفَلِينَ﴿٩٨

98بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق(98).

وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهۡدِينِ﴿٩٩

99ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ(99).

رَبِّ هَبۡ لِي مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ﴿١٠٠

100پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»(100).

فَبَشَّرۡنَٰهُ بِغُلَٰمٍ حَلِيمٖ﴿١٠١

101بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق(101).

فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعۡيَ قَالَ يَٰبُنَيَّ إِنِّيٓ أَرَىٰ فِي ٱلۡمَنَامِ أَنِّيٓ أَذۡبَحُكَ فَٱنظُرۡ مَاذَا تَرَىٰۚ قَالَ يَٰٓأَبَتِ ٱفۡعَلۡ مَا تُؤۡمَرُۖ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰبِرِينَ﴿١٠٢

102ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»(102).

فَلَمَّآ أَسۡلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلۡجَبِينِ﴿١٠٣

103ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى(103).

وَنَٰدَيۡنَٰهُ أَن يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ﴿١٠٤

104بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(104ـ105).

قَدۡ صَدَّقۡتَ ٱلرُّءۡيَآۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ﴿١٠٥

105بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(104ـ105).

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡبَلَٰٓؤُاْ ٱلۡمُبِينُ﴿١٠٦

106بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر(106).

وَفَدَيۡنَٰهُ بِذِبۡحٍ عَظِيمٖ﴿١٠٧

107بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق(107).

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ﴿١٠٨

108كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق(108).

سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ﴿١٠٩

109ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!(109)

كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ﴿١١٠

110بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(110).

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ﴿١١١

111ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر(111).

وَبَشَّرۡنَٰهُ بِإِسۡحَٰقَ نَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ﴿١١٢

112ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق(112).

وَبَٰرَكۡنَا عَلَيۡهِ وَعَلَىٰٓ إِسۡحَٰقَۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحۡسِنٞ وَظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ مُبِينٞ﴿١١٣

113ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ(113).

وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ﴿١١٤

114بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق(114).

وَنَجَّيۡنَٰهُمَا وَقَوۡمَهُمَا مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ﴿١١٥

115ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق(115).

وَنَصَرۡنَٰهُمۡ فَكَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ﴿١١٦

116بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى(116).

وَءَاتَيۡنَٰهُمَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلۡمُسۡتَبِينَ﴿١١٧

117ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق(117).

وَهَدَيۡنَٰهُمَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ﴿١١٨

118ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق(118).

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِمَا فِي ٱلۡأٓخِرِينَ﴿١١٩

119كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق(119).

سَلَٰمٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ﴿١٢٠

120مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!(120)

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ﴿١٢١

121بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(121).

إِنَّهُمَا مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ﴿١٢٢

122ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر(122)

وَإِنَّ إِلۡيَاسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ﴿١٢٣

123ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر(123).

إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَلَا تَتَّقُونَ﴿١٢٤

124ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(124)

أَتَدۡعُونَ بَعۡلٗا وَتَذَرُونَ أَحۡسَنَ ٱلۡخَٰلِقِينَ﴿١٢٥

125سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟(125)

ٱللَّهَ رَبَّكُمۡ وَرَبَّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ﴿١٢٦

126ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»(126).

فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ﴿١٢٧

127ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ(127).

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ﴿١٢٨

128پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا(128).

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ﴿١٢٩

129كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق(129).

سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِلۡ يَاسِينَ﴿١٣٠

130ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!(130).

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ﴿١٣١

131بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(131).

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ﴿١٣٢

132ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر(132).

وَإِنَّ لُوطٗا لَّمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ﴿١٣٣

133لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر(133).

إِذۡ نَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ﴿١٣٤

134ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق(134).

إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ﴿١٣٥

135پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق(135).

ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ﴿١٣٦

136ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق(136).

وَإِنَّكُمۡ لَتَمُرُّونَ عَلَيۡهِم مُّصۡبِحِينَ﴿١٣٧

137(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟(137 ـ 138).

وَبِٱلَّيۡلِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ﴿١٣٨

138(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟(137 ـ 138).

وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ﴿١٣٩

139يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر(139)

إِذۡ أَبَقَ إِلَى ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ﴿١٤٠

140ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى(140).

فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُدۡحَضِينَ﴿١٤١

141(كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)(141).

فَٱلۡتَقَمَهُ ٱلۡحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٞ﴿١٤٢

142ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى(142).

فَلَوۡلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُسَبِّحِينَ﴿١٤٣

143ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، (143)

لَلَبِثَ فِي بَطۡنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ﴿١٤٤

144بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى(-144).

۞ فَنَبَذۡنَٰهُ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٞ﴿١٤٥

145ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى(145).

وَأَنۢبَتۡنَا عَلَيۡهِ شَجَرَةٗ مِّن يَقۡطِينٖ﴿١٤٦

146ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق(146). ئ

وَأَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ مِاْئَةِ أَلۡفٍ أَوۡ يَزِيدُونَ﴿١٤٧

147ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق(147).

فَـَٔامَنُواْ فَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ﴿١٤٨

148(ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق(148).

فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَلِرَبِّكَ ٱلۡبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلۡبَنُونَ﴿١٤٩

149(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟(149)

أَمۡ خَلَقۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِنَٰثٗا وَهُمۡ شَٰهِدُونَ﴿١٥٠

150ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)(150).

أَلَآ إِنَّهُم مِّنۡ إِفۡكِهِمۡ لَيَقُولُونَ﴿١٥١

151بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر(151- 152).

وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ﴿١٥٢

152بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر(151- 152).

أَصۡطَفَى ٱلۡبَنَاتِ عَلَى ٱلۡبَنِينَ﴿١٥٣

153ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟(153)

مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ﴿١٥٤

154سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟(154)

أَفَلَا تَذَكَّرُونَ﴿١٥٥

155ئويلاپ باقمامسىلەر؟(155)

أَمۡ لَكُمۡ سُلۡطَٰنٞ مُّبِينٞ﴿١٥٦

156ياكى (ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟(156)

فَأۡتُواْ بِكِتَٰبِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ﴿١٥٧

157(ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)(157).

وَجَعَلُواْ بَيۡنَهُۥ وَبَيۡنَ ٱلۡجِنَّةِ نَسَبٗاۚ وَلَقَدۡ عَلِمَتِ ٱلۡجِنَّةُ إِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ﴿١٥٨

158ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)(158).

سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ﴿١٥٩

159ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر(159).

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ﴿١٦٠

160لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)(160).

فَإِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ﴿١٦١

161(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ(161- 163).

مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ بِفَٰتِنِينَ﴿١٦٢

162(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ(161- 163).

إِلَّا مَنۡ هُوَ صَالِ ٱلۡجَحِيمِ﴿١٦٣

163(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ(161- 163).

وَمَا مِنَّآ إِلَّا لَهُۥ مَقَامٞ مَّعۡلُومٞ﴿١٦٤

164(پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار(164).

وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلصَّآفُّونَ﴿١٦٥

165بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز(165).

وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡمُسَبِّحُونَ﴿١٦٦

166بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»(166).

وَإِن كَانُواْ لَيَقُولُونَ﴿١٦٧

167ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ(167- 169).

لَوۡ أَنَّ عِندَنَا ذِكۡرٗا مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ﴿١٦٨

168ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ(167- 169).

لَكُنَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ﴿١٦٩

169ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ(167- 169).

فَكَفَرُواْ بِهِۦۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ﴿١٧٠

170ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ(170).

وَلَقَدۡ سَبَقَتۡ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا ٱلۡمُرۡسَلِينَ﴿١٧١

171بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان(171).

إِنَّهُمۡ لَهُمُ ٱلۡمَنصُورُونَ﴿١٧٢

172ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر(172).

وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ﴿١٧٣

173بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر(173).

فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ﴿١٧٤

174ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن(174).

وَأَبۡصِرۡهُمۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ﴿١٧٥

175ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ(175).

أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ﴿١٧٦

176ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟(176).

فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمۡ فَسَآءَ صَبَاحُ ٱلۡمُنذَرِينَ﴿١٧٧

177ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!(177).

وَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ﴿١٧٨

178ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن(178).

وَأَبۡصِرۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ﴿١٧٩

179ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ(179).

سُبۡحَٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلۡعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ﴿١٨٠

180قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر(180).

وَسَلَٰمٌ عَلَى ٱلۡمُرۡسَلِينَ﴿١٨١

181پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!(181)

وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ﴿١٨٢

182جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!(182)

RELATED SURAHS