Qaf

ق

Qaf45 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

قٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡمَجِيدِ﴿١

1قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن(1).

بَلۡ عَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡ فَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا شَيۡءٌ عَجِيبٌ﴿٢

2بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر(2).

أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗاۖ ذَٰلِكَ رَجۡعُۢ بَعِيدٞ﴿٣

3بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر»(3).

قَدۡ عَلِمۡنَا مَا تَنقُصُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۡهُمۡۖ وَعِندَنَا كِتَٰبٌ حَفِيظُۢ﴿٤

4ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) بار(4).

بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَهُمۡ فِيٓ أَمۡرٖ مَّرِيجٍ﴿٥

5بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، ئۇلار قالايمىقان ھالەتتىدۇر(5).

أَفَلَمۡ يَنظُرُوٓاْ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَوۡقَهُمۡ كَيۡفَ بَنَيۡنَٰهَا وَزَيَّنَّٰهَا وَمَا لَهَا مِن فُرُوجٖ﴿٦

6ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟(6)

وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ﴿٧

7زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق(7).

تَبۡصِرَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ﴿٨

8ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق)(8).

وَنَزَّلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ مُّبَٰرَكٗا فَأَنۢبَتۡنَا بِهِۦ جَنَّٰتٖ وَحَبَّ ٱلۡحَصِيدِ﴿٩

9كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق(9 ـ 10).

وَٱلنَّخۡلَ بَاسِقَٰتٖ لَّهَا طَلۡعٞ نَّضِيدٞ﴿١٠

10كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق(9 ـ 10).

رِّزۡقٗا لِّلۡعِبَادِۖ وَأَحۡيَيۡنَا بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗاۚ كَذَٰلِكَ ٱلۡخُرُوجُ﴿١١

11(ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن (ئۆستۈردۇق)، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر(11).

كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَأَصۡحَٰبُ ٱلرَّسِّ وَثَمُودُ﴿١٢

12ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى(12ـ14).

وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ وَإِخۡوَٰنُ لُوطٖ﴿١٣

13ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى(12ـ14).

وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ وَقَوۡمُ تُبَّعٖۚ كُلّٞ كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ﴿١٤

14ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى(12ـ14).

أَفَعَيِينَا بِٱلۡخَلۡقِ ٱلۡأَوَّلِۚ بَلۡ هُمۡ فِي لَبۡسٖ مِّنۡ خَلۡقٖ جَدِيدٖ﴿١٥

15(ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز). ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر(15).

وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ وَنَعۡلَمُ مَا تُوَسۡوِسُ بِهِۦ نَفۡسُهُۥۖ وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنۡ حَبۡلِ ٱلۡوَرِيدِ﴿١٦

16بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز(16).

إِذۡ يَتَلَقَّى ٱلۡمُتَلَقِّيَانِ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ قَعِيدٞ﴿١٧

17ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار،(17)

مَّا يَلۡفِظُ مِن قَوۡلٍ إِلَّا لَدَيۡهِ رَقِيبٌ عَتِيدٞ﴿١٨

18ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ(ـ18).

وَجَآءَتۡ سَكۡرَةُ ٱلۡمَوۡتِ بِٱلۡحَقِّۖ ذَٰلِكَ مَا كُنتَ مِنۡهُ تَحِيدُ﴿١٩

19ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ(19).

وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡوَعِيدِ﴿٢٠

20سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر(20).

وَجَآءَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّعَهَا سَآئِقٞ وَشَهِيدٞ﴿٢١

21ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ(21).

لَّقَدۡ كُنتَ فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا فَكَشَفۡنَا عَنكَ غِطَآءَكَ فَبَصَرُكَ ٱلۡيَوۡمَ حَدِيدٞ﴿٢٢

22ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ(22).

وَقَالَ قَرِينُهُۥ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ﴿٢٣

23ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ(23).

أَلۡقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٖ﴿٢٤

24(ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)(24ـ26).

مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٖ مُّرِيبٍ﴿٢٥

25(ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)(24ـ26).

ٱلَّذِي جَعَلَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَأَلۡقِيَاهُ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلشَّدِيدِ﴿٢٦

26(ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)(24ـ26).

۞ قَالَ قَرِينُهُۥ رَبَّنَا مَآ أَطۡغَيۡتُهُۥ وَلَٰكِن كَانَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ﴿٢٧

27ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» (دەيدۇ)(27).

قَالَ لَا تَخۡتَصِمُواْ لَدَيَّ وَقَدۡ قَدَّمۡتُ إِلَيۡكُم بِٱلۡوَعِيدِ﴿٢٨

28ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم،(28)

مَا يُبَدَّلُ ٱلۡقَوۡلُ لَدَيَّ وَمَآ أَنَا۠ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ﴿٢٩

29مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ(ـ29).

يَوۡمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ ٱمۡتَلَأۡتِ وَتَقُولُ هَلۡ مِن مَّزِيدٖ﴿٣٠

30ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ(30).

وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ غَيۡرَ بَعِيدٍ﴿٣١

31جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ(31).

هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٖ﴿٣٢

32مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر(32).

مَّنۡ خَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِ وَجَآءَ بِقَلۡبٖ مُّنِيبٍ﴿٣٣

33كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ)(33ـ34).

ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٖۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُلُودِ﴿٣٤

34كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ)(33ـ34).

لَهُم مَّا يَشَآءُونَ فِيهَا وَلَدَيۡنَا مَزِيدٞ﴿٣٥

35جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە (نېمەتلەر) بار(35).

وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هُمۡ أَشَدُّ مِنۡهُم بَطۡشٗا فَنَقَّبُواْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ هَلۡ مِن مَّحِيصٍ﴿٣٦

36بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟(36)

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِمَن كَانَ لَهُۥ قَلۡبٌ أَوۡ أَلۡقَى ٱلسَّمۡعَ وَهُوَ شَهِيدٞ﴿٣٧

37بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار(37).

وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَمَا مَسَّنَا مِن لُّغُوبٖ﴿٣٨

38بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق(38).

فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ ٱلۡغُرُوبِ﴿٣٩

39(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن(39).

وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَأَدۡبَٰرَ ٱلسُّجُودِ﴿٤٠

40كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن (يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا) تەسبىھ ئېيتقىن(40).

وَٱسۡتَمِعۡ يَوۡمَ يُنَادِ ٱلۡمُنَادِ مِن مَّكَانٖ قَرِيبٖ﴿٤١

41نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يېتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن(41).

يَوۡمَ يَسۡمَعُونَ ٱلصَّيۡحَةَ بِٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُرُوجِ﴿٤٢

42ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنى) ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر(42).

إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِۦ وَنُمِيتُ وَإِلَيۡنَا ٱلۡمَصِيرُ﴿٤٣

43بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر(43).

يَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلۡأَرۡضُ عَنۡهُمۡ سِرَاعٗاۚ ذَٰلِكَ حَشۡرٌ عَلَيۡنَا يَسِيرٞ﴿٤٤

44ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر(44).

نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِجَبَّارٖۖ فَذَكِّرۡ بِٱلۡقُرۡءَانِ مَن يَخَافُ وَعِيدِ﴿٤٥

45بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن(45).

RELATED SURAHS