Al-Muzzammil

المزمل

The Enshrouded One20 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمُزَّمِّلُ﴿١

1ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)(1)

قُمِ ٱلَّيۡلَ إِلَّا قَلِيلٗا﴿٢

2كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن(2ـ4).

نِّصۡفَهُۥٓ أَوِ ٱنقُصۡ مِنۡهُ قَلِيلًا﴿٣

3كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن(2ـ4).

أَوۡ زِدۡ عَلَيۡهِ وَرَتِّلِ ٱلۡقُرۡءَانَ تَرۡتِيلًا﴿٤

4كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن(2ـ4).

إِنَّا سَنُلۡقِي عَلَيۡكَ قَوۡلٗا ثَقِيلًا﴿٥

5ساڭا ھەقىقەتەن ۋەزنىلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز(5).

إِنَّ نَاشِئَةَ ٱلَّيۡلِ هِيَ أَشَدُّ وَطۡـٔٗا وَأَقۡوَمُ قِيلًا﴿٦

6شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ(6).

إِنَّ لَكَ فِي ٱلنَّهَارِ سَبۡحٗا طَوِيلٗا﴿٧

7ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن، (شۇڭا ئىبادەتكە) كېچىسى بېرىلگىن(7).

وَٱذۡكُرِ ٱسۡمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلۡ إِلَيۡهِ تَبۡتِيلٗا﴿٨

8پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن(8).

رَّبُّ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱتَّخِذۡهُ وَكِيلٗا﴿٩

9ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن)(9).

وَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱهۡجُرۡهُمۡ هَجۡرٗا جَمِيلٗا﴿١٠

10ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن(10).

وَذَرۡنِي وَٱلۡمُكَذِّبِينَ أُوْلِي ٱلنَّعۡمَةِ وَمَهِّلۡهُمۡ قَلِيلًا﴿١١

11(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ ئايەتلىرىمنى) ئىنكار قىلغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن (يەنى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن)، ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەرگىن(11).

إِنَّ لَدَيۡنَآ أَنكَالٗا وَجَحِيمٗا﴿١٢

12شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار(12).

وَطَعَامٗا ذَا غُصَّةٖ وَعَذَابًا أَلِيمٗا﴿١٣

13(زەققۇم، زەرىدىن ئىبارەت) گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار(13).

يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ وَكَانَتِ ٱلۡجِبَالُ كَثِيبٗا مَّهِيلًا﴿١٤

14ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە كۆچمە قۇمغا ئايلىنىدۇ(14).

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ رَسُولٗا شَٰهِدًا عَلَيۡكُمۡ كَمَآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ رَسُولٗا﴿١٥

15شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق(15).

فَعَصَىٰ فِرۡعَوۡنُ ٱلرَّسُولَ فَأَخَذۡنَٰهُ أَخۡذٗا وَبِيلٗا﴿١٦

16پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق(16).

فَكَيۡفَ تَتَّقُونَ إِن كَفَرۡتُمۡ يَوۡمٗا يَجۡعَلُ ٱلۡوِلۡدَٰنَ شِيبًا﴿١٧

17ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟(17)

ٱلسَّمَآءُ مُنفَطِرُۢ بِهِۦۚ كَانَ وَعۡدُهُۥ مَفۡعُولًا﴿١٨

18ئۇ كۈننىڭ (دەھشىتىدىن) ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)(18).

إِنَّ هَٰذِهِۦ تَذۡكِرَةٞۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًا﴿١٩

19بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن(19).

۞ إِنَّ رَبَّكَ يَعۡلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدۡنَىٰ مِن ثُلُثَيِ ٱلَّيۡلِ وَنِصۡفَهُۥ وَثُلُثَهُۥ وَطَآئِفَةٞ مِّنَ ٱلَّذِينَ مَعَكَۚ وَٱللَّهُ يُقَدِّرُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَۚ عَلِمَ أَن لَّن تُحۡصُوهُ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡۖ فَٱقۡرَءُواْ مَا تَيَسَّرَ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِۚ عَلِمَ أَن سَيَكُونُ مِنكُم مَّرۡضَىٰ وَءَاخَرُونَ يَضۡرِبُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَبۡتَغُونَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَءَاخَرُونَ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ فَٱقۡرَءُواْ مَا تَيَسَّرَ مِنۡهُۚ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَقۡرِضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗاۚ وَمَا تُقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُم مِّنۡ خَيۡرٖ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٗا وَأَعۡظَمَ أَجۡرٗاۚ وَٱسۡتَغۡفِرُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمُۢ﴿٢٠

20(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنى بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر. ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر). ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(20).

RELATED SURAHS