Al-Jinn

الجن

The Jinn28 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

قُلۡ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ ٱسۡتَمَعَ نَفَرٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَقَالُوٓاْ إِنَّا سَمِعۡنَا قُرۡءَانًا عَجَبٗا﴿١

1(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى. ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق(1).

يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلرُّشۡدِ فَـَٔامَنَّا بِهِۦۖ وَلَن نُّشۡرِكَ بِرَبِّنَآ أَحَدٗا﴿٢

2ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز(2).

وَأَنَّهُۥ تَعَٰلَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا ٱتَّخَذَ صَٰحِبَةٗ وَلَا وَلَدٗا﴿٣

3پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر(3).

وَأَنَّهُۥ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى ٱللَّهِ شَطَطٗا﴿٤

4بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى(4).

وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن تَقُولَ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا﴿٥

5بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق(5).

وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا﴿٦

6ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سىغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى(6).

وَأَنَّهُمۡ ظَنُّواْ كَمَا ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ أَحَدٗا﴿٧

7ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى»(7).

وَأَنَّا لَمَسۡنَا ٱلسَّمَآءَ فَوَجَدۡنَٰهَا مُلِئَتۡ حَرَسٗا شَدِيدٗا وَشُهُبٗا﴿٨

8(جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق(8).

وَأَنَّا كُنَّا نَقۡعُدُ مِنۡهَا مَقَٰعِدَ لِلسَّمۡعِۖ فَمَن يَسۡتَمِعِ ٱلۡأٓنَ يَجِدۡ لَهُۥ شِهَابٗا رَّصَدٗا﴿٩

9بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ(9).

وَأَنَّا لَا نَدۡرِيٓ أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ أَرَادَ بِهِمۡ رَبُّهُمۡ رَشَدٗا﴿١٠

10بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز(10).

وَأَنَّا مِنَّا ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَۖ كُنَّا طَرَآئِقَ قِدَدٗا﴿١١

11بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق(11).

وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن نُّعۡجِزَ ٱللَّهَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَن نُّعۡجِزَهُۥ هَرَبٗا﴿١٢

12بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھنى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز(12).

وَأَنَّا لَمَّا سَمِعۡنَا ٱلۡهُدَىٰٓ ءَامَنَّا بِهِۦۖ فَمَن يُؤۡمِنۢ بِرَبِّهِۦ فَلَا يَخَافُ بَخۡسٗا وَلَا رَهَقٗا﴿١٣

13بىز ھىدايەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، (ياخشىلىقلىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ۋە (يامانلىقلىرىنىڭ ئارتتۇرۇلۇپ) زۇلۇم قىلىنىشتىن قورقمايدۇ(13).

وَأَنَّا مِنَّا ٱلۡمُسۡلِمُونَ وَمِنَّا ٱلۡقَٰسِطُونَۖ فَمَنۡ أَسۡلَمَ فَأُوْلَٰٓئِكَ تَحَرَّوۡاْ رَشَدٗا﴿١٤

14بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ(14).

وَأَمَّا ٱلۡقَٰسِطُونَ فَكَانُواْ لِجَهَنَّمَ حَطَبٗا﴿١٥

15توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»(15).

وَأَلَّوِ ٱسۡتَقَٰمُواْ عَلَى ٱلطَّرِيقَةِ لَأَسۡقَيۡنَٰهُم مَّآءً غَدَقٗا﴿١٦

16ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ(16ـ17).

لِّنَفۡتِنَهُمۡ فِيهِۚ وَمَن يُعۡرِضۡ عَن ذِكۡرِ رَبِّهِۦ يَسۡلُكۡهُ عَذَابٗا صَعَدٗا﴿١٧

17ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ(16ـ17).

وَأَنَّ ٱلۡمَسَٰجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدۡعُواْ مَعَ ٱللَّهِ أَحَدٗا﴿١٨

18مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار(18).

وَأَنَّهُۥ لَمَّا قَامَ عَبۡدُ ٱللَّهِ يَدۡعُوهُ كَادُواْ يَكُونُونَ عَلَيۡهِ لِبَدٗا﴿١٩

19ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ(19).

قُلۡ إِنَّمَآ أَدۡعُواْ رَبِّي وَلَآ أُشۡرِكُ بِهِۦٓ أَحَدٗا﴿٢٠

20(ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»(20).

قُلۡ إِنِّي لَآ أَمۡلِكُ لَكُمۡ ضَرّٗا وَلَا رَشَدٗا﴿٢١

21ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)»(21).

قُلۡ إِنِّي لَن يُجِيرَنِي مِنَ ٱللَّهِ أَحَدٞ وَلَنۡ أَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلۡتَحَدًا﴿٢٢

22ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟)(22).

إِلَّا بَلَٰغٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِسَٰلَٰتِهِۦۚ وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا﴿٢٣

23مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ(23).

حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوۡاْ مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعۡلَمُونَ مَنۡ أَضۡعَفُ نَاصِرٗا وَأَقَلُّ عَدَدٗا﴿٢٤

24ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»(24).

قُلۡ إِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٞ مَّا تُوعَدُونَ أَمۡ يَجۡعَلُ لَهُۥ رَبِّيٓ أَمَدًا﴿٢٥

25(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن(25).

عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ فَلَا يُظۡهِرُ عَلَىٰ غَيۡبِهِۦٓ أَحَدًا﴿٢٦

26ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ(26).

إِلَّا مَنِ ٱرۡتَضَىٰ مِن رَّسُولٖ فَإِنَّهُۥ يَسۡلُكُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦ رَصَدٗا﴿٢٧

27پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ(27).

لِّيَعۡلَمَ أَن قَدۡ أَبۡلَغُواْ رِسَٰلَٰتِ رَبِّهِمۡ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيۡهِمۡ وَأَحۡصَىٰ كُلَّ شَيۡءٍ عَدَدَۢا﴿٢٨

28(بۇ ئاللاھنىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر»(28).

RELATED SURAHS