Al-Ma'arij

المعارج

The Ascending Stairways44 ayahsMeccan

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

سَأَلَ سَآئِلُۢ بِعَذَابٖ وَاقِعٖ﴿١

1بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى(1).

لِّلۡكَٰفِرِينَ لَيۡسَ لَهُۥ دَافِعٞ﴿٢

2ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ(2).

مِّنَ ٱللَّهِ ذِي ٱلۡمَعَارِجِ﴿٣

3ئۇ (ئازاب) ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان(3).

تَعۡرُجُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥ خَمۡسِينَ أَلۡفَ سَنَةٖ﴿٤

4پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ(4).

فَٱصۡبِرۡ صَبۡرٗا جَمِيلًا﴿٥

5(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن(5).

إِنَّهُمۡ يَرَوۡنَهُۥ بَعِيدٗا﴿٦

6ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ(6).

وَنَرَىٰهُ قَرِيبٗا﴿٧

7بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز(7).

يَوۡمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلۡمُهۡلِ﴿٨

8ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ(8).

وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ﴿٩

9تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ(9).

وَلَا يَسۡـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمٗا﴿١٠

10(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).

يُبَصَّرُونَهُمۡۚ يَوَدُّ ٱلۡمُجۡرِمُ لَوۡ يَفۡتَدِي مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِئِذِۭ بِبَنِيهِ﴿١١

11(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).

وَصَٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ﴿١٢

12(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).

وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِي تُـٔۡوِيهِ﴿١٣

13(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).

وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ يُنجِيهِ﴿١٤

14(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ(10ـ14).

كَلَّآۖ إِنَّهَا لَظَىٰ﴿١٥

15ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر(15).

نَزَّاعَةٗ لِّلشَّوَىٰ﴿١٦

16(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ(16).

تَدۡعُواْ مَنۡ أَدۡبَرَ وَتَوَلَّىٰ﴿١٧

17ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ(17ـ18).

وَجَمَعَ فَأَوۡعَىٰٓ﴿١٨

18ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ(17ـ18).

۞ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا﴿١٩

19ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى(19).

إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا﴿٢٠

20ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر(20).

وَإِذَا مَسَّهُ ٱلۡخَيۡرُ مَنُوعًا﴿٢١

21بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر(21).

إِلَّا ٱلۡمُصَلِّينَ﴿٢٢

22پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(22ـ23).

ٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ دَآئِمُونَ﴿٢٣

23پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(22ـ23).

وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ﴿٢٤

24ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ(24ـ25).

لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ﴿٢٥

25ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ(24ـ25).

وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ﴿٢٦

26ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر(26).

وَٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ﴿٢٧

27ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر(27).

إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمۡ غَيۡرُ مَأۡمُونٖ﴿٢٨

28شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر(28).

وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ﴿٢٩

29ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر(29).

إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ﴿٣٠

30پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ(30)،

فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ﴿٣١

31(جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر(31).

وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ﴿٣٢

32ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(32).

وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمۡ قَآئِمُونَ﴿٣٣

33ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر(33).

وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ﴿٣٤

34ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر(34).

أُوْلَٰٓئِكَ فِي جَنَّٰتٖ مُّكۡرَمُونَ﴿٣٥

35ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر(35).

فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قِبَلَكَ مُهۡطِعِينَ﴿٣٦

36(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ(36ـ37).

عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ﴿٣٧

37(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ(36ـ37).

أَيَطۡمَعُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُدۡخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٖ﴿٣٨

38ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟(38)

كَلَّآۖ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّمَّا يَعۡلَمُونَ﴿٣٩

39ياق (يەنى ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ). شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق(39).

فَلَآ أُقۡسِمُ بِرَبِّ ٱلۡمَشَٰرِقِ وَٱلۡمَغَٰرِبِ إِنَّا لَقَٰدِرُونَ﴿٤٠

40مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز(40ـ41).

عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ﴿٤١

41مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز(40ـ41).

فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ﴿٤٢

42(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن(42).

يَوۡمَ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ سِرَاعٗا كَأَنَّهُمۡ إِلَىٰ نُصُبٖ يُوفِضُونَ﴿٤٣

43ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ(43).

خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۚ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ﴿٤٤

44ئۇلار (ئاللاھتىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر(44).

RELATED SURAHS