العلق
The Clot • 19 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن(1).
2ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى(2).
3ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3).
4ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى(4).
5ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى(5).
6شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(6ـ7).
7شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(6ـ7).
8(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)(8).
9ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(9ـ10)
10ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(9ـ10)
11ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا(11)،
12ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)(12)
13ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)(13)،
14ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟(14)
15ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز(15 ـ 16).
16ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز(15 ـ 16).
17ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن!(17)
18بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز(18).
19(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن(19).