القصص
The Stories • 88 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1تاسن، مىم(1).
2بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر(2).
3ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز(3).
4شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى(4).
5بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز(5).
6ئۇلارنى زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىمىز(6).
7مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»(7).
8پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى(8).
9پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى(9).
10مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى(10).
11ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى(11).
12(ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى(12)
13ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ(13).
14مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز(14).
15مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقۇدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»(15).
16مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(16).
17مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»(17).
18مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى. توساتتىن تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم (بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا) مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن» دېدى(18).
19مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى(19).
20بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن» دېدى(20).
21مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى(21).
22ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى(22).
23مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ (يەنى قويلىرىڭلارنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇپ تۇرۇپسىلەرغۇ؟)» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى(23).
24مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى(24).
25ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيب: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى(25).
26ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»(26).
27ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن»(27).
28مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»(28).
29مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى)(29).
30مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇرمەن(30).
31سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن(31).
32قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى»(32).
33مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن(33).
34قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»(34).
35ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر»(35).
36مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى(36).
37مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار (يەنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچى فاجىرلار) چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»(37).
38ۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن»(38).
39پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا زۇلۇم قىلىپ (ئىمان ئېيتىشقا) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (يەنى قىيامەت ۋە قايتا تىرىلىش يوق، ھېساب ئېلىنىشمۇ، جازاغا تارتىلىشمۇ يوق) دەپ گۇمان قىلدى(39).
40بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق (يەنى ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ ساق قالغىنى يوق). (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن(40).
41ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ (يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ)(41).
42ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر(42).
43شۈبھىسىزكى، بىز (نۇھنىڭ قەۋمى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمى قاتارلىق) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىڭ دىللىرىغا (ھەقىقەتنى كۆرىدىغان) نۇر بېرىپ، ئۇلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق، ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق(43).
44(ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ(44).
45لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق(45).
46بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر(46).
47ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)(47).
48ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى(48).
49ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئۇ ئىككى كىتاب سېھىردۇر دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي»(49).
50ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(50).
51ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا قۇرئاننى ئۈزۈلدۈرمەي چۈشۈردۇق(51).
52قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب (يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار (يەنى ناسارا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۆمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ(52).
53ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ(53).
54ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ(54).
55ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ(55).
56شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ(56).
57ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن توغرا يولغا ئەگىشىدىغان بولساق، زېمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ، (بۇ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزىقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ(57).
58بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق(58).
59پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىگە، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگۈچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدۇق، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق(59).
60سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟(60)
61بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان (يەنى جەننەتنى ۋەدە قىلغان) ئادەم ئۇنى تاپىدۇ، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟(61)
62شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدۇ(62).
63ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز (سېنىڭ يولۇڭدىن) ئازدۇرغانلارنى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىمىزنى) ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق. (پەرۋەردىگارىمىز!) ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى (پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغا ئىبادەت قىلاتتى)» دېيىشىدۇ(63).
64ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاپىر بولغانلىقلىرىغا نادامەت قىلىپ) (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ(64).
65ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟»(65).
66ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ(66).
67تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر(67).
68ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر(68).
69پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ(69).
70ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(70).
71«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن(71).
72«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن(72).
73سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر(73).
74ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ(74).
75بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەر) نى چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز. ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (يەنى مەبۇدلىرى) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ(75).
76قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ(76).
77ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»(77).
78قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر(78).
79قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەندەك بايلىق بېرىلسىچۇ! ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى(79).
80ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى(80).
81قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى(81).
82تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ»(82).
83ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر(83).
84كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ(84).
85ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگارىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ»(85).
86سەن (پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى نازىل قىلدى)، كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن(86).
87ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن)(87).
88ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(88).