مريم
Mary • 98 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1كاف، ھا، يا، ئەين، ساد(1).
2بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر(2).
3ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى(3).
4ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق(4).
5مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن(5).
6ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»(6).
7(ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»(7).
8زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»(8).
9(نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»(9).
10زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»(10).
11زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى(11).
12(يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق(12).
13بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى(13).
14ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى(14).
15ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ(15).
16(ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى(16).
17ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى(17).
18مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»(18).
19جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»(19).
20مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»(20).
21جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»(21).
22مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى(22).
23تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»(23).
24جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى(24).
25خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ(25).
26(بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»(26).
27مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ(27).
28ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»(28).
29مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى(29).
30بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)(30).
31قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى(31).
32مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى(32).
33مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»(33).
34ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى(34).
35«ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ(35).
36ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»(36).
37ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي!(37)
38ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر(38).
39ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر(39).
40زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارچىگە چوقۇم بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ(40).
41(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى(41).
42ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن(42).
43ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن(43).
44ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى(44).
45ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»(45).
46ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»(46).
47ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر(47).
48سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»(48).
49ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق(49).
50ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق(50).
51كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى(51).
52ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق(52).
53ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق(53).
54(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى(54).
55ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى(55).
56كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى(56).
57ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق(57).
58ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ(58).
59ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ(59).
60تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ(60).
61ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ(61).
62ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ(62).
63بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ(63).
64بىز (يەنى پەرىشتىلەر دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ(64).
65ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟(65).
66ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): «مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ(66).
67ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟(67).
68پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز(68).
69ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز(69).
70ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز(70).
71سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر(71).
72ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز(72).
73ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى(73).
74بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى(74).
75(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»(75).
76ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر(76).
77بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟(77)
78ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟(78)
79ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز(79).
80ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ(80).
81ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى ئىلاھلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى(81).
82ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ(82).
83بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ(83).
84ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز(84).
85شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز(85).
86گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز(86).
87مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ(87).
88ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى(88).
89سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار(89).
90بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى(90).
91بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى(91).
92بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر(92).
93ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر(93).
94شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى(94).
95قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ(95).
96ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ(96).
97(ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق(97).
98ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)(98).