الهمزة
The Gossipmonger • 9 ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
1(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!(1).
2ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى(2).
3ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)(3).
4ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ(4).
5ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(5)
6ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ(6ـ7).
7ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ(6ـ7).
8ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ(8).
9ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ(9).